«ئامېرىكا خىتاينى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا بارغۇزسماسلىقى كېرەك»

ئامېرىكىنىڭ تەيىنلەنگۈسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا، بېيجىڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان باياناتلارنى بەردى.

650646
«ئامېرىكا خىتاينى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا بارغۇزسماسلىقى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن رېكس تىللېرسون، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بەرپا قىلغان ئاراللارغا بېرىشىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تىللېرسون بېيجىڭ – ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى يىرىكچىلىكنى ئۇلغايتىش ئېھتىمالى بار بۇ سۆزلەرنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇنىڭ يېڭى مەنسىپىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش يىغىنى ئەسناسىدا قىلدى.

تىللېرسون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆز قىلىۋېتىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا ئوخشاتتى. ئۇ: «بىز خىتايغا ئالدى بىلەن ئارال بەرپا قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ بەرپا قىلغان ئاراللارغا بېرىشىغا يول قويىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا روشەن سىگنال بېرىشىمىز كېرەك» دېدى.

تىللېرسون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاراللارغا بېرىشىنى توسۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى.

بېيجىڭ بولسا، قۇرۇلۇشلارنى ئۆز زېمىن تەۋەلىكىگە ئىنشا قىلغانلىقىنى، بۇ ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە دېڭىزدا زۆرۈر بولغان ھەربىي ئورۇنلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لى كاڭ تىللېرسوننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ، دۆلىتىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىدە تەبىئىي ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتچى لى كاڭ مۇخبىرلارنىڭ «تىللېرسوننىڭ خىتاينىڭ ئاراللارغا بېرىشىنىڭ چەكلىنىشى توغرىسىدىكى» سۆزلىرىگە دائىر سوئالىنى، پەرەزلەرگە ئىزاھات بېرىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋابسىز قالدۇردى.

ئوباما دائىرىلىرى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرغان، ھەتتا خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاراللارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، خىتاينى ئاراللارغا بارغۇزماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر