فىرانسىيەدە 237 مىڭ ئائىلە قاراڭغۇدا قالدى

فىرانسىيەدە بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن توك توختاپ قېلىپ، 237 مىڭ ئائىلە قاراڭغۇدا قالدى.

651038
فىرانسىيەدە 237 مىڭ ئائىلە قاراڭغۇدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن 46 كىشى يارىلاندى.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن جىددىي ياردەم چاقىرىق مەركىزىگە 4 مىڭ 452 قېتىم  تېلېفون قىلىندى، مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

سائىتىگە سۈرئىتى 456 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بەزى پويىز سەپەرلىرى بىكار قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامىئېنس ۋە ئارراس شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پويىز قاتنىشىمۇ توختاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن، 200 يولۇچى كېچىنى پويىزدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن بېرىلگەن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسى بۈگۈن چۈشۈرۈلگەن، بىراق بوران – چاپقۇننىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر