ئافغانىستان ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىنى قوغدىيالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە باش مۇپەتتىشى ئافغانىستاندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دائىر دوكلات ئېلان قىلدى.

649974
ئافغانىستان ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىنى قوغدىيالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىنى قوغدىيالىغۇدەك سەۋىيە كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە باش مۇپەتتىشى، 2002 – يىلى ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 115 مىليارد دوللارلىق فوندنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار «يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپ» ناملىق دوكلاتىدا، ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقى، ئافغانىستاندا چىرىكلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئىدارە- ئورگان ۋە باشقۇرۇش ئىنتىزام - تەرتپىنىڭ كەمچىلىككى قاتارلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكلاتتا ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ 2016 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ %63 نىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغانلىقىنى، ئەسلىدە بۇ نىسبەتنىڭ 2015 – يىلىدا %72 ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دوكلاتتا ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ سەۋىيەسىدە مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بولمىغانلىقى، تەربىيە باسقۇچىدا تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلىشى ۋە مەيدانغا كەلگەن زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق يېڭى خادىملارنى ئېلىشقا ئېھتىياج بولغانلىقى قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا يەنە، 2016 – يىلى 19 – ئاۋغۇسقىچە بولغان جەرياندا جەمئىي 5523 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەمدە 9665 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر