تۈركىيەدە پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بەس-مۇنازىرىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تۈركىيەدە پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بەس-مۇنازىرىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرى توغرىسىدىكى ئانالىزى

650216
تۈركىيەدە پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بەس-مۇنازىرىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ ‹كەڭ نۇقتىئىينەزەر› ناملىق بۇ پىروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، تۈركىيەدە بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپ پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دۇنيادىكى دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ۋە تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرىنى تارىخىي ھەمدە سىياسىي جەھەتتىن چۈشىنىشكە تىرىشىمىز... ئەلۋەتتە، بۇ ھەپتىمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك مېھمىنىمىز ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىمىز.

تۈركىيەدە بىر قانچە يىل بۇرۇن، بولۇپمۇ 2016-يىلى 15-ئىيۇل يۈز بەرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇرۇن پارلامېنتلىق تۈزۈمنى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش تەلەپلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان ئىدى. 15-ئىيۇلدىن كېيىن، بىر مەھەل توختاپ قالغان. بىراق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆكتىچى پارتىيە بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى بىلەن مۇنازىرە تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ئاقىۋەت پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇلدى. ھەممىمىز بىلگىنىدەك، 2017-يىلى 9-يانۋار پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپ ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلاش، 338 ئاۋازنىڭ ماقۇللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۈگۈنگىچە بەش ماددا قوبۇل قىلىنغان بولدى.

بۇ بەش ماددا قايسىلار ئىدى، بۇ توغرىدىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەيلى، 1-ماددا، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى؛ 2-ماددا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى 550 دىن 600 گە چىقىرىش؛ 3-ماددا، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىش يېشىنى 25 ياشتىن 18 گە چۈشۈرۈش ۋە ھەربىي مەجبۇرىيت ئۆتىمىگەنلەرنى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىماسلىق؛ 4-ماددا پارلامېنت سايلىمىنى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشتىن 5 يىلدا بىر قېتىمغا ئۆزگەرتىش؛ 5-ماددا بولسا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇق دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ بەش ماددىنىڭ ھەممىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بەزىلىرى ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن ئۆتكەن بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر