ترامپ دائېشنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغانلىقىنى تەكرارلىدى

ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغانلىقىنى تەكرارلىدى.

649522
ترامپ دائېشنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغانلىقىنى تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 – يانۋار كۈنى باراك ئوبامادىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان دونالد ترامپ ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغانلىقىنى تەكرارلىدى.

ترامپنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت  سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان سۆزلىرىنىڭ باشلانغۇچى يېڭى ئەمەس ئىدى، ئەمما داۋامى ھەيران قالارلىق ئىدى.

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت سايلاملىرىغا تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئەسلىدە خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تور ھۇجۇملىرىغا دىققەت قىلىش لازىملىقىنى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، رۇس سودا دۇنياسى بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم تۈزمىگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

CNN  مۇخبىرىنىڭ ترامپتىن رۇسلارنىڭ قولىدا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە سوئال سورىماقچى بولۇشى يىغىن زالىدا سۈركىلىش پەيدا قىلدى. ترامپ مۇخبىرنىڭ سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلمىغىنىدەك، CNN  نى يالغان خەۋەر ئاگېنتلىقى دەپ ئەيىبلىدى.

دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قوشنىسى مېكسىكا توغرىلىقمۇ توختالغان ترامپ، «مېسىكا چېگرىسىغا دەرھال سېپىل سوقىمىز. چۈنكى مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مەسىلىنى ئۇزارتىش نىيىتىم يوق. سېپىل سوقۇشقا كېتىدىغان چىقىمنى مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ» دېدى.

ترامپنىڭ ئىچكى سىياسەتتىكى نىشانى سەھىيە تۈزۈمى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتى ئىدى.

پۈتۈنلەي پالاكەت دەپ ئاتىغان ئوباكەير تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ترامپ، دورا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ ۋە باھا تۈزۈمىگە قايتىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقلىرىنى، ئامېرىكا سىرتىغا مەبلەغ سالغان دودا شىركەتلىرىدىن كۆپ مىقداردا تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بۇ باياناتتىن بىرقانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى دورا شىركەتلىرىنىڭ ئۈلۈشلىرىدە ئازىيىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ترامنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئادەتتىكىدىن باشقىچە كەيپىياتتا ئۆتتى.

قىسقا مەزگىل ترامپنىڭ ئادۋۇكاتى شېرى دىللون نۇتۇق مۇنبىرىگە چىقتى ۋە ترامپنىڭ شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئەمما ھېچكىم ترامپ شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ تاقىلىشىنى كۈتمىسۇن» دېدى.

ترامپمۇ شىركەتلەر گۇرۇھى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2 ئوغلۇم شىركەتلىرىمنى مۇتەخەسسىسلەرچە باشقۇرىدۇ، بۇ ھەقتە  ئۇلار بىلەن ھېچقاچان ئالاقە ئورناتمايمەن. بىز بۇ دۆلەتتە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

تېمىلار ۋە سوئاللار قويۇقلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ «مۇشۇنچىلىكى يېتەرلىك» دەپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر