ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د غا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە ئالاقىدار شەرمەندىلەرچە سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
![ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/812a/736d/f757/57f47d3c190f3.jpg?time=1718858639)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون، سۈرىيە مەسىلىسىگە ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىي چارە تېپىش مۇساپىسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د نىڭمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ب د ت رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئامال تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا «بىردىنبىر چارە» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە كىمنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ئالاقىدار گۇرۇپپىلار ۋە سۈرىيە خەلقىگە قالغان بىر ئىش» دېدى.
تونېر، «پ ي د نىڭ سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇۋاتامسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىر نۇقتىدا ئۇلارمۇ بۇ مۇساپىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى لازىم. پ ي د ئەمەلىي مەيداندا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا. سۈرىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە ئىزدەش مۇساپىسىدە ئۇلارنىڭمۇ ئاۋازى ئاڭلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مارك تونېر، ئامېرىكىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتى ي پ گ گە قورال بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى. ئۇنىڭغا بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ پالاتادا سۆز قىلىپ، پېنتاگوننىڭ پ ي د غا قورال بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.
تونېر كارتېرنىڭ باياناتلىرى تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قوراللارنىڭ پ ي د غا بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى» نى تەكرارلىدى.
مارك تونېر، «ئەگەر پ ي د PKK بولمىسا، نېمىشقا ئۇلارغا قورال بەرمەيسىلەر؟» دېگەن سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.