ئامېرىكا سۈرىيەدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشى دائىرىسىدە، مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلارنى تېررورچىلاردىن ئايرىش مەسىلىسىدە، «ئامېرىكا سەمىمىي ئەمەس» دېگەن تونۇشقا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

648769
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ رۇسىيە بىلەن سىنتەبىردە تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

جون كېررىي ئامېرىكىنىڭ «Peace» ئىنسىتېتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشى دائىرىسىدە مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلارنى تېررورچىلاردىن ئايرىش مەسىلىسىدە، «ئامېرىكا سەمىمىي ئەمەس» دېگەن تونۇشقا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

جون كېررىي: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە مەلۇم مەزگىلگىچە تىنچلىق پىلانلانغان ئىدى. بىراق كېلىشىم تۈزۈلۈپ 5 – كۈنىگە كەلگەندە سۈرىيەلىك 70 ئەسكەرنى بومباردىمان قىلدۇق ۋە رۇسىيە بىزنى <بۇ ئىشقا سەل قارايدۇ، ئەلنۇسرا فىرونتىنى قوللاۋاتىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنى تېررورچىلاردىن ئايرىشنى خالىمايۋاتىدۇ> دېگەن تونۇشقا كەلدى. ئاندىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارۋانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بىلەن كېلىشىم سۇغا چىلاشتى» دېدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈز بەرگەن يېرىكچىلىكلەرگە قارىماستىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشىم ئاساسى ياراتقانلىقىنى، سۈرىيەدىكى خىمىيەۋى قوراللارنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە پارىژ كېلىشىمى قاتارلىقلاردا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ 17 - سىنتەبىردە دەيرەززور ئەتراپىدا سۈرىيە بازىلىرىغا ئۇقۇشماسلىقتىن قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن، 62 ئەسكەر ئۆلگەن ۋە 100 گە يېقىن كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇمنىڭ پۈتۈنلەي ئىنسانىي بىر خاتالىق تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر