ۋاشىنگتون يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىغا تەييارلاندى

2016-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان دونالد ترامپ، 20-يانۋار ھەشەمەتلىك مۇراسىم بىلەن پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

647992
ۋاشىنگتون يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىغا تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى، ھازىرقى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ يېڭى پىرېزىدېنت ۋە ئائىلىسىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇراسىم تەرتىپى بويىچە باراك ئوباما ئاقسارايدا ترامپ ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ جەرياندا، باراك ئوبامانىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى نەرسە-كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرىدۇ، ترامپنىڭ ئادەملىرى بولسا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاقسارايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. باراك ئوباما بىلەن ترامپ كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرلىكتە كېڭەش پالاتاسىغا بارىدۇ. قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئىشلىرى كېڭەش پالاتاسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ تارىخىي مىنۇتلارغا گۇۋاھ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مىڭلارچە كىشى، يول بويىلىرىغا قۇرۇلغان مۇنبەرلەردە تۇرىدۇ. دونالد ترامپ پالاتادىن قايتقاندا، ئامېرىكانىڭ رەسمىي 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولىدۇ. يېڭى پىرېزىدېنت ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئىنجىلنى تۇتۇپ قەسەم بېرىدۇ. ترامپنىڭ قەسەم بېرىشىگە، ئائىلىسى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەمراھ بولىدۇ.

ھىلارى كلىنتون دونالد ترامپنىڭ ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ ئىچكى كابېنتىدا ۋەزىپىگە قويۇلىدىغان كىشىلەرنى بەلگىلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئىچكى-تاشقى جەھەتتە بالدۇرقى مەزگىللەرگە ئوخشىمايدىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. ئۇ باراك ئوباما ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا يولغا قويىدىغان سىياسەتلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر