ئىراقتا زوراۋانلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى، كۆپىيىپ كېتىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

647340
ئىراقتا زوراۋانلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەر مەركىزىدىكى تەھرىر مەيدانىغا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بومبىلىق ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىراق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەيدىغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

خەۋپسىزلىك بوشلۇقى كۆرۈلۈۋاتقان باغدادتا يېقىنقى كۈنلەردە خەلق بازارلىرىغا ئوخشاش ئادەملەر كۆپلەپ بارىدىغان جايلاردا بومبىلىق ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر