پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئامېرىكىدىن بەس – بەستە قورال سېتىۋالماقتا

ئامېرىكا يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدىلا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە 40 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

644100
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئامېرىكىدىن بەس – بەستە قورال سېتىۋالماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋالماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۇۋەيت، قاتار، سەئۇدى ئەربىستان ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىكىگە يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 40 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

كۇۋەيت نويابىردا 10 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق  «Boeing F/A-18 Süper Hornet» تىپلىق 28 ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، دېكابىر ئېيىدىمۇ 1 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق  218 M1A2  تىپلىق تانكا زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىش تەلىپى سۇندى. بۇ تەلەپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

كۈۋەيت دېكابىر ئىيىدا يەنە 37 مىليون دوللارلىق قارىغۇ بومبىلارنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان 1250 ئاپارات سىتىۋالغان ئىدى.

سەئۇدى ئەربىستان ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىمۇ تىرانسپۇرت ۋە قىرغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى سىتىۋالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق «48 CH-47F Chinook» تىپلىق تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش تەلىپى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىىن 7 – دېكابىردا تەستىقلاندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 3 مىليارد 510 مىليون دوللارلىق 28 دانە «Apache AH-64» تىپلىق قىرغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىش تەلىپىنىمۇ تەستىقلىدى.

ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرگە يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يەنە 2 مىلياردلىق ھەربىي ئەسلىھە ۋە قورال سېتىپ بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ قورال سېتىش كېلىشىمى پالاتا تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر