خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى

ئامېرىكىنىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى» ۋە بۇ ئىستىراتېگىيەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

644250
خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە پۈتكۈل دۇنيا مېدياسىدا يېڭى يىلغا مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ – ئارمانلار ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما ھېچكىم يېڭى يىلنىڭ باشلانغۇچىنىڭ ئاخىرلاشقان يىلنىڭ مىراسى ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ھەممە يېڭى يىلغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ.

بۇرۇنقى مەسىلىلەر ئۇنتۇلۇشقا تىرىشىلىدۇ. خۇددى ئۇنتۇغان ھامان بۇ مەسىلىلەردىن قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك. بىر مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىش، ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، تولىمۇ ئەپسۇسكى ھەقىقەتلەرنى ھەتتا شۇ مەسىلىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، قار توپىدەك چوڭايتىپ، ئاقىۋىتى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر قار كۆچكۈنىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.

2016 – يىلى گانگرېناغا ئايلانغان دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلاندى.

ئوباما، ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنى خۇددى سەككىز ئاياغدەك قورشىۋالغان NEOCON لار ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئىستىراتېگىيەسى» پەقەت ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز ياۋروپالىقلار ئۈچۈنمۇ بىر پالاكەت بولدى. نۆۋەتتە تېررور پەقەت مومباسا، تېل ئاۋىۋ، باغداد، نايروبى، كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، ياۋروپادىكى پارىژ، بېرلىن، رېجكاۋىك، رىم، بىريۇسسېل. ئامستېردام، ئوسلو ۋە لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر تەھدىتكە ئايلاندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېگۈدەك پۈتكۈل سانائەت، ساياھەت رايونلىرى ۋە كاتتا شەھەرلىرىدىكى ئاھالىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا.

ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قاراتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ تېررورى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ پەقەت قارا تەنلىكلەرگىلا ئەمەس،  ھىسپانىكلەرگە قاراتقان ۋە تېررور دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن زوراۋانلىقلىرىمۇ كۆپلىگەن شەھەرلەردە كەمبەغەللەر رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن، تاراتقۇلاردا ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى باراك ئوبامانىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى» نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا ئامېرىكدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە تاراتقۇلار ئوبامانىڭ بۇ ئىستىراتېگىيەسىنى «توكۇر ئۆردەك سىياسىتى» دەپ ئاتىدى. ئوبامانىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىشىغا ساناقلىق كۈنلەرلا قالدى، ئەمما ئۇ دۇنياغا قالدۇرغان ناچار مىراسنى يوقىتىش ۋە دۇنيانى ئىنسانلار ئۈچۈن بىخەتەر بىر شارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ئون يىل كېتىدۇ.

چۈنكى ئوباما رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ۋە مۇنتىزىم پىرىنسىپلىرى بار دۆلەتلەر بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە يولغا قويۇۋاتىدۇ.

ئىراق ۋە سۈرىيەدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى ئامېرىكا – تېررور ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. ئىراقتا بىر تەرەپتىن، بارلىق ئەزالىرى جىنايەت سادىر قىلغۇچى بىنورمال قاتىللاردىن تەشكىل تاپقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەشدى شەئبى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ مۇسۇلغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەم ئامېرىكا ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پ ك ك بىلەن ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلماقتا ھەمدە ھەر ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئامېرىكا خەلقىدىن يىغقان باجلار ۋە قورال - ياراغ سودىگەرلىرىدىن توپلىغان مىڭلارچە توننىلىق قورال – ياراغنى ئەۋەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ۋەھشىي تېررورلۇق گۇرۇپپىسى بولغان ۋە مەركىزى سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورناتماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا تۈركىيەنىڭ ئونلارچە ئەسكىرىنى ۋە ساقچىسىنى شېھىت قىلدى. ھەممىگە مەلۇمكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ ئەسكەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئوباما پەقەت تۈركىيەگە ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشىلا ئەمەس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقىمۇ «خاتا ھالدا» توننىلارچە قورال – ياراغ، ئوق – دورا ۋە ئەرقا سەپ تەمىناتى جەھەتتىن ياردەم بەردى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دائېشنىڭ ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نېفىت سېتىشىغا كۆز يۇمدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا كۆز بويامچىلىق قىلىپ بىر - ئىككى قېتىم دائېشنىڭ نېفىت توشۇيدىغان ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قويدى.

ھالبۇكى، ئوباما ھۆكۈمىتى  بىر تەرەپتىن، ئىراق ۋە سۈرىيەدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 65 دۆلەتنىڭ ئارمىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك، ھەشدى شەئبى، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى» دەپ ئاتالدى.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئىستىراتېگىيەنىڭ قانداقلىقىنى ناھايتى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق تونۇپ يەتتۇق. بۇ ئىستىراتېگىيە بىز ياۋروپالىقلارغا يەنى ئىستانبۇللۇقلارغا، پارىژلىقلارغا، بېرلىنلىقلارغا، بىريۇسسېللىقلارغا بومبا ۋە ئۆلۈم سۈپىتىدە قايتتى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى» ئۆزىنىڭ مەركىزىدە تېررورىستلارنى باغرىغا بېسىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. كۈنىمىز دۇنياسىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك ۋە تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېقىنلا جايدا ياشىماقتا. بۇ تېررورىست كاتتىباش قول ئىلكىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جۈملىدىن يۈز مىليونلارچە دوللار خەجلەپ ئامېرىكا سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىپ، دۆلەتىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينيالىغۇدەك نوپۇزغا ئېرىشتى. نېمىشقىكىن، ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرا شەرقتە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن بۇ تېررورىستنىڭ پائالىيەتلىرىگە كەڭ قورساقلىق نەزىرى بىلەن قارىدى، قانۇنىي جەھەتتىن ھېساب سورىمىدى.

يېقىندا ئاق سارايدىن ئايرىلىدىغان ئوبامانىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى» پۈتكۈل دۇنياغا بومبا، ئۆلۈم، قان ۋە كۆز يېشىنى قالدۇردى، خالاس.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر