مۇسۇلدا دائېشقا قارشى ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا
ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ تۆتتەت بىر قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى دائېشتىن تارتىپ ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا مۇسۇل شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ 2 – باسقۇچى دائىرىسىدە، ئىراق ئارمىيەسى ھازىرغا قەدەر شەھەرنىڭ تۆتتەت بىر قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئالدى.
ئىراق ئارمىيەسى بۇ قېتىم قۇددۇس ۋە ئىنتىسار مەھەللىلىرىنى دائېشتىن تازىلىدى.
بۇ ئارىلىقتا ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان پۇقرالارنىڭ سانى 150 مىڭغا يەتتى.
تۇقۇنۇشلارنىڭ شىددەتلىك تۇس ئېلىشىغا ئەگىشىپ، لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان پۇقرالارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17 – ئۆكتەبىردە بىرلىكتە ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.