دائېش ئەنگلىيەدە ۋەقە سادىر قىلامدۇ؟

ئەنگلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ۋەزىرى بېن ۋاللېنس، دۆلىتىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

643195
دائېش ئەنگلىيەدە ۋەقە سادىر قىلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Sunday Times» بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاللېنس، «دائېش <ھەممىنىڭ ئەڭ يامان قورقۇنچى> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ» دېدى.

سۇرىيە ۋە ئىراقتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەشكىلاتنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ياۋروپاغا كىرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋاللېنس، «دائېشنىڭ ئىنتىلىشى ئاممىۋىي ئۆلۈملەرنى پەيدا قىلىدىغان ھۇجۇملارنى سادىر قىلىش. ئۇلار، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كۆپ ئادەمنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى خالايدۇ. خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش جەھەتتە ھېچقانداق ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى يوق. ئەگەر قولىدىن كەلسە، ئۇنى بۇ دۆلەتتە قىلىدۇ.» دېدى.

ئەنگلىيەلىك ۋەزىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سۇرىيە ۋە ئىراقتا بۇ خىل قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۇق ۋە ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا ئالاقىدار ئارزۇلىرىنىمۇ كۆرۈشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆلتۈرىدىغان ئادەم سانى، ھەممە ئەڭ قورقىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر