چىلىدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئاز دېگەندىمۇ 100 ئۆي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

643066
چىلىدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىنىڭ ۋالپاراسو شەھىرىدە تۈنۈگۈن باشلانغان دالا ئوت ئاپىتىدە 19 كىشى يارىدار بولدى.

ئاز دېگەندىمۇ 100 ئۆي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. 400 گە يىقىن كىشى رايوندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى.

ئوت ئاپىتى تەھدىت بولغان رايونلاردىكى كىشىلەر قۇتقۇزۇپ قالالىغۇدەك نەرسە – كېرەكلىرىنى ئېلىپ رايوندىن قېچىپ چىقتى.

47 مىڭ كىشى ئېلېكتىرىكسىز قالدى. ئەتراپقا تارقالغان ئىس – تۆتەك ئولتۇراق رايونلارغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. كىشىلەر نەپەس ئېلىشتىمۇ قاتتىق قىينالدى. 

ئوت ئاپىتىنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىش خىزمەتلىر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر