خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللىدى

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن تەييارلىنىپ سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللىدى.

641694
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ۋە سىياسىي سۆھبەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش مەزمۇن قىلىنغان قارار، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

قاراردا يەنە، دۆلەت مىقياسىغا «تېز، بىخەتەر ۋە توسالغۇسىز» ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈلۈشى، شۇنداقلا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ب د ت  نىڭ ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشى ئارقىسىدا مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشىنى تەلەپ قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىن بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاش قارارىنىڭ تەييارلىنىشىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2016 - يىلىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئۆتكەن بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن چۇركىن، بىر قاتار مەنپەئەتلەرنى قوغلىشىشنى قويۇپ، ئورتاق نىشانغا مەركەزلىشىدىغان ئىش بولسا، مۇھىم قارارلارنى چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە سۇنغان ئۇرۇش توختىتىش قارار تەكلىپى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا سۈرىيەدە ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى؛ ئادەم بومبىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن توختىتىلغان ئەسنادا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتتى، ۋەقەدە ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قىرغاق شەھىرى تارتۇستا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر