مۇسۇلدا شىددەتلىك توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئىراق ئارمىيەسىنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشماقتا.

641382
مۇسۇلدا شىددەتلىك توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 17 – ئۆكتەبىردە ئىراق ئارمىيەسى باشلىغان ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ يارىدىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل ھەرىكىتىنىڭ 2 – باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.  مۇسۇلدا 3 مەھەللىگە كىرگەن ئىراق ئارمىيەسى، تېخىچە رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالالمىدى. تۇقۇنۇشلاردا مۇسۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسى تۇلۇق كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئىراق ئارمىيەسىنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئىراق ئارمىيەسىگە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان بىر تېررورچى پارتلاشقا ئاز قالغاندا بايقىلىپ ئۇجۇقتۇرۇلدى.

قۇددۇس مەھەللىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قاچقان 500 كىشى بىخەتەر رايونلاردىكى لاگېرلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر