دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ماختىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد تىرامپ: «مەن پۇتىننىڭ ھەر دائىم ئىنتايىن زېرەك ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم» دېدى.

641407
دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد تىرامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھېچبىر ئامېرىكا دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىق قارارىغا ئالاھىدە مەدھىيەلىك سۆزلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.

دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پۇتىن مەسىلىنى ئارقىغا تارتىپ، پەۋقۇلئادە ياخشى بىر قەدەم تاشلىدى. ئۇنىڭ ھەر دائىم ئىنتايىن زېرەك ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتىلىق سايلاملىرى مەزگىلىدە تور ھۇجۇمى قىلغان دېگەن سەۋەبنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاشىنگىتون ۋە سان فىرانسىسكودا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 35 نەپەر رۇسىيەلىك دېپلوماتىيە خادىملىرىنى 72 سائات ئىچىدە ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشى شۇنداقلا 2 ئولتۇراق جايىنىمۇ پۈتۈنلەي بېكارلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پۇتىن بۇ ئېمبارگولارغا قارشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دېپلوماتىيە خادىملىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پۇتىن يازما باياناتىدا، «بۇنىڭغا قارشى جاۋاپ قايتۇرۇش ھەققىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. بىراق بىز مەسئۇلىيەتسىز، ئاشخانا سىياسىتى سەۋىيەسىگە چۈشمەيمىز. رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ئامېرىكىنىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد تراپنىڭ پوزىتسىيەسىگە قاراپ بەلگىلەيمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر