ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاستىنى ئويماقتا

ئىسرائلىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مىرى رېگېۋ سىلۋاننىڭ ۋادى خەلۋان مەھەللىسى بىلەن مەسجىدى ئاقسانىڭ بابۇل مەغارىبە مەيدانى ئوتتۇرىسىغا يېڭى بىر تونېلنىڭ ئېچىلغانلىقى قەيت قىلدى.

639603
ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاستىنى ئويماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقساغا يېقىن سىلۋان رايونىدا يېڭى بىر تونىلنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

قۇددۇسنىڭ سىلۋان رايونىدىكى خەلۋان مەلۇمات مەركىزىدىن ئېلان قىلنغان باياناتتا، ئىسرائلىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مىرى رېگېۋ سىلۋاننىڭ خەلۋان مەھەللىسى بىلەن مەسجىدى ئاقسانىڭ بابۇل مەغارىبە مەيدانى ئوتتۇرىسىغا يېڭى بىر تونېلنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تونېلنىڭ رايوننى يەھۇدىيلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى سەۋەبىدىن مەھللىنىڭ بىر قىسمىدا قاتناش  توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، تونېل قېزىش خىزمەتلىرىنىڭ رايوندىكى بىنالارغا چاك كېتىش ھادىسىلىرىگىمۇ سەۋەب بولغانلىقى، سىلۋاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەل ئاد ئولتۇراقلاشتۇرۇش جەمئىيىتى ۋە ئىسرائىلىيە ئارخىئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى تېنىل قېزىش پائالىيەتلىرىىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋادى خەلۋان مەلۇمات مەركىزى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان سېلۋان رايونىغا قاراشلىق مەزكۇر مەھەللىنىڭ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىش خىزمەتلىرىنىڭ 2017 – يىلى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر