رۇسىيە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بەشىنچى چوڭ ۋەقەنى باشتىن كەچۈردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە گۇرۇھى روسنېفتنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئادىمى ئولېگ ئېروۋىنكىن ئۆلتۈرۈلدى.

639500
رۇسىيە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بەشىنچى چوڭ ۋەقەنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسنېفت شىركىتىنىڭ باشلىقى ئىگور سەچىننىڭ ئوڭ قولى بولغان ئېروۋىنكىننىڭ جانسىز بەدىنى ئاپتوموبىلىدىن تېپىلدى. سابىق رۇس دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى گېنېرالى بولغان ئېروۋىنكىن، «كىرېملىننىڭ قارا قۇتىسى» دەپ قارىلاتتى.

رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى ئېروۋىنكىن دېلوسىنىڭ ئىگور سەچىن ۋە پۇتىنغا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەنلىكى، ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى – CİA نىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغان دىپلومات پېترى پولشىكوۋنىڭ ئۆيىدىن ئۆلۈكىنىڭ چىقىشى، مۇھىم ھەرىكەتلەرگە شاھىت بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان ناتو تەكشۈرگۈچىسى يۋېس چاندېلوننىڭ بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، قىزىل ئارمىيە سەنئەت ئانسامبىلى سەنئەتچىلىرى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ قىزىل دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان ئەندىكىش ئىچىدىكى رۇس خەلقى، ئەمدىلىكتە بۇ جىنايەت بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر