يەمەن خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوزۇق-تۈلۈك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى يەمەن خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

638382
يەمەن خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوزۇق-تۈلۈك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەلقنىڭ %51نى ئوزۇق-تۈلۈك ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى ئىچىدە ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلگەندىن سىرت، بۇ يىل سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدىلا 3 مىليون 800مىڭ  كىشى جىددىي ياردەمگە ئېرىشكەن.

2016-يىللىق ياردەم پىلانىنىڭ %57لىك قىسمى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللانغان بولسىمۇ، يەمەن خەلقىنىڭ %51گە يېتەرلىك مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەن.

ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كۆچمەنلەردىن %55سى باشقا ئائىلىلەرنىڭ يېنىغا ماكانلاشقان بولسا، %22سى ئىجرا ئۆيلەردە، %19سى چېدىر ئۆيلەردە ياشىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە 2015-يىلى مارتتا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ 2016-يىلى 18-نويابىرغىچە 7272 كىشى ئۆلگەن، 38279 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر