قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن تۇ-154 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

638566
قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇس مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن قىرغاقتىن 1700 مېتىر يىراقلىقتا، دېڭىزنىڭ 17 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن ئايروپىلان ئاساسىي قارا قۇتىسى تېپىلدى.

قارا قۇتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن موسكۋاغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ دائىرىدە يەنە، ئىزدەش – تەكشۈرۈش تەۋەلىكىدە ئايروپىلاننىڭ باشقا قالدۇقلىرىنىڭمۇ تېپىلغانلىقى، خىزمەتلەرنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە 12 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

موسكۋادىن قوزغالغان تۇ-145 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ سوچىدا يېقىلغۇ تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن سۈرىيەگە بېرىشى پىلانلىنىۋاتاتتى. ئايروپىلاندا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھىمەيمىن بازىسىدا يېڭى يىل كونسېرتى بېرىش ئۈچۈن ماڭغان سەنئەتچىلەرمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر