قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ گەۋدە پارچىلىرى تېپىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

638512
قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ گەۋدە پارچىلىرى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ يەكشەنبە (25-دېكابىر) كۈنى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ گەۋدە پارچىلىرىنىڭ بايقىلىپ، سۈ يۈزىگە چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمى بىلەن موتورىغا ئائىت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان پارچىلارنى غەۋۋاسلارنىڭ تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 24 سائەت داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە 45 پاراخوت، 15 سۇ ئاستىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، 192 غەۋۋاس، 12 ئايروپىلان ۋە بەش تىك ئۇچار قاتناشقان.

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى رومان ۋولكوۋنىڭ جەسىتىنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىرىلغانلىقى ۋە تېپىلغان ئايروپىلان پارچىلىرىنى تەكشۈرگەندە ئۇچقۇچىلارنىڭ ئايروپىلاننى دېڭىزغا چۈشۈرۈشكە تىرىشقان بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

25-دېكابىر رۇسىيەنىڭ قىزىل ئارمىيە خور ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 92 ئادەم ئولتۇرغان ھەربىي ئايروپىلانى، سۈرىيەنىڭ لازقىيەدىكى رۇسىيە بازىسىغا بېرىش ئۈچۈن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدە، ئايروپىلاندىكى ھەممە يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە رۇسىيەدە بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر