مولدوۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقى كىرىزىسى يۈز بەردى

مولدوۋا پىرېزىدېتنلىق بىناسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقىنىڭ ئېلىۋېتىلىشى كىرىزىس پەيدا قىلدى.

638377
مولدوۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقى كىرىزىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودو ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىغاندىن كېيىنلا پىرېزىدېنتلىق بىناسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقى چۈشۈرۈۋېتىلدى.

بايراقنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بەزى لىبېرال پارتىيە ئەزالىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقىنى قايتىدىن ئاسقان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى ئېلىۋېتىلدى.

پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى باياناتچىسى ئىيو چېبان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىپ دودوننىڭ پىرېزىدېنتلىقنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ھامىيسى بولىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتنى قانۇن دائىرىسىدە   باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق بىناسىدا پەقەتلا مولدوۋا بايرىقى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر