ئامېرىكا دائېش ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىغا قارشى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى ئاگاھلاندۇردى.

637018
ئامېرىكا دائېش ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن فېدېرال تەكشۈرۈش بىيۇروسى (FBI) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مىلىتانلىرىنىڭ روژدېستۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل تەتىللىرى مەزگىلىدە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى تۈپەيلى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن فېدېرال تەكشۈرۈش بىيۇروسى مەسئۇللىرى دائېش تەرەپدارلىرىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان روژدېستۋا بايرىمى مەزگىلىدە چېركاۋلار، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئالاقىدار تارماقلارنى ئاگاھلاندۇرغان، ھەمدە ھازىرچە ھېچقانداق تەھدىتنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر