نېتانياھۇ ئوبامانى كۆچمەن يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشقا چاقىردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانى كۆچمەن يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشقا چاقىردى.

635924
نېتانياھۇ ئوبامانى كۆچمەن يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان يەھۇدىي كۆچمەن ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشقا چاقىردى.

نېتانياھۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ۋېتو قىلىشى كېرەك.»

ئىسپانىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۈگۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس قاتارلىق پەلەستىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىي كۆچمەن ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇر قارار لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدا بېكىتىلگەن تېررىتورىيەگە بەرپا قىلغان يەھۇدىي كۆچمەن ئولتۇراق رايونلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن.

قارار لايىھەسى  ماقۇللانغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەدىن شەرقىي قۇددۇس بولۇپ پەلەستىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىي كۆچمەن ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ۋە بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى بولغان ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن ۋېتو قىلىنماسلىقى ۋە ۋاقىتلىق 9 نەپەر ئەزانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى شەرت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر