نېتانياھۇ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختالدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر بىرەر ئىشارەتنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

635162
نېتانياھۇ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە مەتبۇئات ئىشخانىسىنىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا بەرگەن يېڭى يىللىق زىياپىتىدە بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ماڭا سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش مۇمكىندەك كۆرىنەمدۇ؟ ياق.  شۇ نەرسە ئېنىقكى، پۈتۈنلۈكى ساقلىنىپ قالغان بەختىيار بىر سۈرىيە بولمايدۇ، بۇنىڭدا شۈبھە يوق. ئۇنداقتا بىرلەشمە بىر سۈرىيە بولامدۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ گۈمانلىنىمەن. ئۇ يەردە قاپقانلار بار، مەن بۇ قاپقانلارنى ئېلىۋېتىلىش ئالدىدا، دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر