تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىدۇ

موسكۋادا سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

634542
تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىننىڭ دەسلەپكى ئولتۇرۇشىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، ئىككىنچى ئولتۇرۇشىغا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقمۇ قاتنىشىدىغان يىغىننىڭ تۇنجى كۈنتەرتىپ ماددىسى ھەلەبتىكى پۇقرالارنى بىخەتەر ھالدا يۆتكەش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرى بولىدۇ.

ئىشتىراكچىلار كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە بىر يەرگە جەم قىلىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

بۇ تەكلىپ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر