پات يېقىندا جەنۋەدە سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 2017-يىلى 8-فېۋرالدا سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

634178
پات يېقىندا جەنۋەدە سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 2017-يىلى 8-فېۋرالدا سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان  دې مىستۇرانىڭ باياناتچىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

باياناتتا« مىستۇرانىڭ شەرقىي ھەلەبتىكى پۇقرالارنى تارقلاقلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قلىش ئۈچۈن شەھەرگە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىشكە مۇناسىۋەتلىك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ، بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقى»بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، سىتاففان  دې مىستۇرانىڭ سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى 8-فېۋرالدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئالاھىدە ۋەكىلنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر