نومۇسسىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دوستلۇققا سۇيىقەست قىلدى

نومۇسسىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە بىر قېتىم تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە خىرىس قىلدى.

634428
نومۇسسىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دوستلۇققا سۇيىقەست قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەلەبتە قورشاۋ ئاستىدىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشقۇرۇشى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوللارنىڭ ئورنىغا مىللىي پۇل ئىشلىتىشنى قارار قىلىشى، قارا نىيەت كۈچلەرنى بىئارام قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىگە سۇيىقەست قىلغان تېررورىست فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇبى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىدە بار ئىكەن. ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت كۆرفەز دەرسخانىلىرىنىڭ كۇرسلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، فەتھۇللاھچى ئەمرە ئۇسلۇ بىلەن زىچ ئالاقە قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ ئەنقەرەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار ياتاق بىنالىرىدا قالغان ئىكەن.

2015 – يىلى 24 – نويابىر كۈنى رۇس ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئۇچقۇچىمۇ فەتھۇللاھچى چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر