شەرقىي ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى قايتىدىن باشلىدى

سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش مۇساپىسى قايتىدىن باشلىدى.

633113
شەرقىي ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى قايتىدىن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن، بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ كۆپ ئۆتمەيلا، ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ھاسىل قىلىنغان يېڭى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى.

يېڭى كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، مادايا ۋە زەبادانىدىن بولسا، 500 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى فۇئە بىلەن كەفرەيادىن 4 مىڭ ئادەم ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ئەۋەتىلىدۇ.

بۇ دائىرىدە بىرىنچى قەدەمدە شەرقىي ھەلەبتىن 500 دەك ئادەم ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى غەربىي ھەلەب تاغلىق رايونىغا يېتىپ باردى.

بۈگۈن ئەتىگەندە بولسا، ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان فۇئە ۋە كەفرەيادىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش باشلىدى. يارىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر 10 ئاپتوبوس بىلەن مۇھاسىرە رايونىدىن چىقىپ كەتتى.

تارقاقلاشتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش قارارى، ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى فۇئە بىلەن كەفرەيا يېزىلىرىغا ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارغان 6 ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر