دونالد ترامپ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

631908
دونالد ترامپ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يىللاردىن بۇيان خەلقئارانى سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقىغا جاۋاب كەلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بۇ يىل 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا پىرېزىدېتنلىققا سايلانغان دونالد ترامپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە «بىخەتەر رايونلار»بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دونالد ترامپ پېنسىلۋانيا ئىشتاتىغا قاراشلىق سېرشېي رايونىدا سۆز قىلغاندا سۈرىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «سۈرىيەدىكى ۋەقەلەر كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىمىز، سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلار بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلىمىز.»

سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلار بەرپا قىلىنسا سۈرىيەلىكلەرگە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىملارنى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر