ياۋروپادا ھەلەب ئاھالىسىنىڭ قەتل قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەلەب ئاھالىسىنىڭ قەتلە قىلىنىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

630892
ياۋروپادا ھەلەب ئاھالىسىنىڭ قەتل قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى پارلامېنت بىناسىمۇ جايلاشقان كرىستىيانسبۇرگ سارىيىنىڭ ئالدىدا تەخمىنەن 7 مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىردى. نامايىشچىلار بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا لەنەت ياغدۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ سابىق باشلىقى مونس لۆگىچا نامايىشچىلارغا خىتاب قىلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەلەبتىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي ھەلەب قولدىن كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ھەربىي كۈچ بىلەن ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر. ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغىنىڭلاردا، ھېچقاچان تىنچلىق ئورنىتالمايسىلەر.»

نامايىشچىلار دانىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى. بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يۈزلەرچە كىشى پومپىدو سەنئەت مەركىزى ئەتراپىدا ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بىر قىسمى ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن شام ياندۇردى. يەنە كۆپ ساندا كىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىغا ئاغدۇرۇش ئۈچۈن قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارشى شوئار توۋلىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ بىر قىسمى سۈرىيە بايرىقى ۋە «ھەلەبنى ئازاد قىلايلى!»، «ھەلەبتىكى ئۇرۇشنى توختىتايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جېجىلې كودرىئو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ھەلەبتىكى قەتلىئاملارغا قارشى غەزەپ – نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ۋە سۈرىيەدىكى پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشىمىز لازىم» دېدى. نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن فىرانسىيەلىك يازغۇچى راپائې گلاكسمان ھەلەب ئاھالىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئالدىدا قەتلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كېچە-كۈندۈز ھەلەبتىكى پۇقرالارنىڭ قەتلە قىلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەلەبتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى چۈشىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىزلىرى تېخى ئۆچۈپ بولالمىغان  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادىمۇ مىڭلارچە كىشى ھەلەب خەلقىنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشنى  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادىكى پۈتكۈل دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ھەمدە  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئەرەبلەر،  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنالىق خىرۋاتلار ۋە سېربلارمۇ قوللىدى. نامايىشتا سۆز قىلغانلار ئىلگىرى  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  ھەلەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر