رۇسىيە ئامېرىكىدىن بەكرەك تۈركىيە بىلەن كېلىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە ھەلەب مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن بەكرەك تۈركىيە بىلەن كېلىشىشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرى.

630300
رۇسىيە ئامېرىكىدىن بەكرەك تۈركىيە بىلەن كېلىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ھەلەب مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن بەكرەك تۈركىيە بىلەن كېلىشىشنىڭ ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەلەبكە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

بىراق تۈنۈگۈن كەچتە ئۇرۇش توختىتىلغان بولسىمۇ، توقۇنۇشلارنىڭ ئەتىگەندە قايتىدىن قوزغىلىشىغا قارىتا، پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى توختىتىلدى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر تۇرۇۋاتقان رايونغا توختىماي توپ ئوقلىرى ئېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان لاۋروۋ، ھەلەب مەسىلىسىنىڭ 2،3 كۈن ئىچىدە ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، لېكىن سۈرىيەدىكى تەرەپلەر بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلىمەكتە.

ئۆكتىچىلەر ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن يېڭى شەرتلەرنى قويۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ شەرتلەر ئىچىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان فۇئا يېزىسىدىكى ئىرانلىق قوراللىق كۈچلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشمۇ بار.

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە مەلۇم بىر ئورۇن،  دەمەشىق ھاكىمىيىتىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان كىشى سانىغا نارازى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رايوندىن دەسلەپ يارىدارلار، ئارقىدىن پۇقرالار، ئاخىرىدا قوراللىق ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

24 سائەت ئىچىدە 6000 كىشىنىڭ ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان رۇس مەنبەلىرى، 366 ئۆكتىچىنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ ھەلەبنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر