دونالد ترامپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى 64 ياشلىق تىلېرسوننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى ۋە پۇتىننى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى يازدى.

629492
دونالد ترامپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىمەكچى بولغان نامزاتىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ تاشقى ئىسلار مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكىنىڭ كۆپ دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىنى «Exxon Mobil» نىڭ باش مۇدىرى رېكس تىللېرسوننى تاللىدى.

دونالد ترامپ رېكس تىللېرسون بىلەن شەنبە كۈنى نىيۇ يوركتا كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ترامپنىڭ رەھبەرلىك ئاپاراتىغا يېقىن شەخسلەرنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋەرلىرىدە، دونالد ترامپنىڭ رېكس تىللېرسوننى ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەيدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. 

«NBC» تېلېۋزىيەسى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى گېئورگې دابلىيۇ بۇشنىڭ دەۋرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي ۋەكىل بولغان جون بولتوننىڭ بولسا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى 64 ياشلىق تىلېرسوننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى، پۇتىننى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، پۇتىننىڭ 2013 – يىلى «Exxon Mobil» شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا رۇسىيەنىڭ «خەلق قېرىنداشلىق مىداليونى» تەقدىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دوناد ترامپ تۈنۈگۈن ئەڭ چوڭ مالىيە ئورگىنى «Goldman Sachs» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە باشلىقى گارىي كوننى دۆلەتلىك ئىقتىساد كېڭىشىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر