گېرمانىيە سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋوندېر لېيېن بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

628971
گېرمانىيە سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى «بىلد گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ: «ھەلەبتىكى ئۆلۈم-يېتىملەر كىشىنى نومۇس قىلدۇرىدۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قورال ئاۋازىنىڭ ئۆچۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىمۇ ئوخشاشتۇر» دېدى.

ئۇ «ئۇنداقتا، بۇ گېرمانىيە ھەلەب ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ، دېگەنلىك بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ئەمەلىيەت بويىچە ئىش قىلغىنىمىزدا، بەششار ئەسەدنى ھەربىي ھەرىكەت بىلەن توختىتىشنىڭ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنى پەيدا قىلىش خەۋپى چوڭ. بەششار ئەسەد ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. سۈرىيە ئوت پىلتىسىگە ئوخشاشپ قالدى. بۇ يەردىكى قالايمىقان ئۇرۇشلار دۇنيانى ئوت شارىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايمىز. ھەلەب خەلقىگە ئاخىرىغىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھېچقانداق دىكتاتور ئۇزۇنغىچە خەلقىگە بۇنداق زۇلۇم سالالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر