لاۋروۋنىڭ باياناتىنىڭ ئەكسىچە ھەلەب شەھىرى قاتتىق بومباردىمان قىلىنماقتا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن ھامبۇرگدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ يۆتكىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

627294
لاۋروۋنىڭ باياناتىنىڭ ئەكسىچە ھەلەب شەھىرى قاتتىق بومباردىمان قىلىنماقتا

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، ھەلەبتە باششار ئەسەد قىسىملىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختايدىغانلىقىنى ۋە مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئەسەد ئەسكەرلىرى خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈنۈگۈن ئاخشامدىن بۇيان رايوندىن پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي توختىدى. 

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن ھامبۇرگدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەرلىك ۋاقىت 20:30 ئۆتكەندە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ يۆتكىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئارقىدىنلا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2900 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە 8500 پۇقرانىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى، خېلى نۇرغۇن ساندىكى قوراللىقلارنىڭ قوراللىرىنى تاشلاپ تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە ئەسەد تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىراق ھەلەبتە تۇرۇشلۇق ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى، سېرگېي لاۋروۋنىڭ باياناتىدىن كېيىن قىسقىغىنە مۇددەت توختىغان بومباردىماننىڭ تۈنگۈن سائەت 23:00 ئەتراپىدا قايتىدىن باشلانغانلىقىنى، ھەتتا فىردەۋس ۋە شەيخ سەئىد مەھەللىلىرىگە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن دېڭىز مىنالىرىنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاڭ ئاتقىچە داۋاملاشقان بومباردىمانچىلىقنىڭ بىر قانچە سائەت توختىغاندىن كېيىن يەنە قايتا باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەسەد ئارمىيەسى ۋە شىئە مىلىتانلار ھالېن، زىبدىيە، سەيخ سەئىد، يۈسۈف، سەيفەل دەۋلە، جۇب شەلەبى، فىردەۋس، بوستان ئەل قەسىر، سۈككەرى ۋە مائادى رايونلىرىنى ھەم قۇرۇغلۇقتىن، ھەم ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەد قىسىمىلىرى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان مەھەللىلەردە قېلىپ قالغان ياكى چېقىپ كېتەلمىگەن نۇرغۇن ساندا پۇقرالارنى ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا يۆتكەش باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەسەد ئاخباراتلىرى بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەن رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىرىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى «پۇقرالار يۆتكەلمەكتە» دەپ تارقاتماقتا.

شەرقىي ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى 15 كېلومېتىرلىق جايدا 200 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ساقلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر