ئامېرىكا جامەلىرىگە تەھدىت خەتلىرى يېزىلغان

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىكى جامەلەرگە مۇسۇلمانلارغا ئېغىر ھاقارەت قىلىنغان تەھدىت خەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

620662
ئامېرىكا جامەلىرىگە تەھدىت خەتلىرى يېزىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى جامەلەرگە مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىنغان تەھدىت خەتلىرى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇنداق تەھدىت خەتلىرىنىڭ جورجىيا ۋە فلورىدا ئىشتاتلىردىكى بەزى جامەلەرگىمۇ ئەۋەتىلىشى، مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان يېڭى نەپرەت جىنايەتلىرى ئېھتىمالىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىۋەتكەن ساقچى دائىرىلىرى تەھدىت خەتلىرىنىڭ دەسلەپتە كالىفورنىيە ئىشتاتى لوش ئانژېلىس شەھىرىگە قاراشلىق سنتا كلارىتا رايونىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ھەممە خەتلەرنىڭ ئوخشاش مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەممىسىدە ئوخشاش ئىمزا بارلىقىنى بىلدۈردى.

لوس ئانژېلىستىكى نۇرغۇن جامەلەرگە ئەۋەتىلگەن، قولى بىلەن يېزىلىپ كۆپەيتىلگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا تىل تەگكۈزۈلگەن خەتلەر، «ئۇزۇن ياشا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، تەڭرى ئامېرىكانى قوغدىسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان ۋە «يەنە بىر يېڭى يول ئۈچۈن، قېنى ئەمىسە ئامېرىكالىقلار» دېگەن ئىمزا قويۇلغان.

تەھدىت خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر قايسى جامەلەرنىڭ جامائىتى يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىغا ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) غا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، بۇنى ئەۋەتكەن كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق قانۇن ئالدىغا چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

لوس ئانژېلىس ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىشېل دوۋنىڭ، قولى بىلەن يېزىلغان خەتنىڭ «جىنايەت بولماسلىقى مۇمكىنلىكى» نى ئېيتتى.

ئامېرىكان ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ لوس ئانژېلىستىكى مەسئۇلى مەسىھ فولەيدى ۋەقەنىڭ ناھايىتى ئوچۇق شەكىلدىكى تەھدىت خېتى ئىكەنلىكىنى، خەتنى ئەۋەتكەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى قورقۇتماقچى ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈرمەكچى بولغانلىقلىرىنى، شۇڭا مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بارلىق قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لوس ئانژېلىس ساقچى دائىرىلىرى تەھدىت خەتلىرىنى ئەۋەتكەن كىشى ياكى كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەر دەسلەپتە جورجىيا ئىشتاتىدىكى ئالتە جامەدە ئوتتۇرىغا چىققان، ئارقىدىن فلورىدا ئىشتاتىدىكى تۈركلەر زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ مىيامى ئىسلام مەركىزىي جامەسىگە ئەۋەتىلگەن. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە لوس ئانژېلىستىن خېلىلا يىراق بولغان مىيامى شەھىرىدىمۇ تەھدىت خېتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەسىلىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىش ئېھتىمالىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن.

جەنۇبىي فلورىدا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىغا ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا ئەھۋالنىڭ مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي فلورىدا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بىلەن ئامېرىكان ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى، تەھدىت خەتلىرىنى ئەۋەتكەن كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق تۇتۇلۇپ، ۋەقەنىڭ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن، مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

جەنۇبىي كەمبەغەللىك قانۇن مەركىزىي ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدا 8-نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەت تەۋەسىدە 700 دىن ئارتۇق ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاراكتېرىدىكى پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر