جانكېر: تۈركىيە پۈتۈن ياۋروپانىڭ قىلالمىغىنىنى قىلدى

ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى جانكېر تۈركىيە پۈتۈن ياۋروپادىن كۆپرەك خىزمەت كۆرسەتتى. بۇ جەھەتتە سۆز قىلغان ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمتەررەك بولۇشى لازىم» دېدى.

618181
جانكېر: تۈركىيە پۈتۈن ياۋروپانىڭ قىلالمىغىنىنى قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى جېن كىلۇد جانكېر تۈركىيەنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىغا ئېشىكىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپانىڭ بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە دەرس ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى. 

جانكېر مەركىزىي ئىشخانىسى فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق «Euronews» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تارقىتىلغان «Global Conversation» «ئالەمشۇمۇل سۆھبەت» ناملىق پىروگراممىسىغا قېتىلىپ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسى ھەققىدە توختالدى.

جانكېر تۈركىيەنىڭ ئىيوردانىيە ۋە لىۋان بىلەن پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، شۇڭلاشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشتا ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش، بۇ پەقەتلا پاناھلاغۇچىلار كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئەمەس. تەبىئېيكى، ياۋروپانىڭ قىلالمىغىنىنى تۈركىيە قىلدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. بۇ ھەممىگە ئاشكارا بىر ھەقىقەت. مەن دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ياۋروپانىڭ بۇ چەھەتتە تۈركىيەگە دەرس ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن. تۈركىيە پۈتۈن ياۋروپادىن كۆپرەك خىزمەت كۆرسەتتى. بۇ جەھەتتە سۆز قىلغان ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمتەررەك بولۇشى لازىم»

جانكېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئۇچرىشىشلىرىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. مەن ئۇنى 17 – 18 يىلدىن بۇيان تونۇيمەن» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر