رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بۇلتۇر 24 – نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئايروپىلان كىرىزىسى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان تۈركىيە زىيارىتىنى 1 – دېكابىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

617873
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىئا زاھاروھا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ رۇسىيە – تۈركىيە ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1 – دېكابىر كۈنى ئالانيا ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىننىڭ تۈركىيەنىڭ F16 تىپلىق ئايروپىلانلىرى بۇلتۇر رۇسىيەنىڭ Su-24  تىپلىق ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زاھاروۋا، يىغىندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

زاھاروۋا يىغىندا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، قانداق قىلغاندا خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ قانات يايدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇش ناھايتى ئاسان، ئەمما ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن. ئايروپىلانىمىز چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى كىرىزىسلىق مەزگىلدە يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنى باسقۇچمۇباسقۇچ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر