گېرمانىيەدە قۇش زۇكۇمى تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا

گېرمانىيەنىڭ 11 ئۆلكىسىدە H5N8 ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان قۇش زۇكۇمى تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا.

615468
گېرمانىيەدە قۇش زۇكۇمى تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە H5N8ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان قۇش زۇكۇمى بارغانچە تارقالماقتا.

گېرمانىيەنىڭ 11 ئۆلكىسىدە قاناتلىق ھايۋانلاردا قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى بايقالدى، بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس مېكلېنبۇرگ-پورپورمېرىن بىلەن سىچلېسۋىگ-ھولىستېيىن ئۆلكىلىرىدىكى توخۇ فېرمىلىرىغىمۇ تارقالدى.

ۋىرۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقى ۋە   مەملىكەت مىقىياسىدا جىددىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چوڭ تىپلىق  فېرمىلاردىن سىرت كىچىك تىپلىق فېرمىلاردىمۇ تەدبىرلەر ئېلىنىدىغان بولدى.

مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېغىللارغا كىرىشى چەكلەندى، ھايۋانلارنى باقىدىغانلار مۇھاپىزەت كىيىمى كىيىپ، قوللىرى بىلەن ئۆتەكلىرىنى دېزىنفىكسىيە قىلىشى مەجبۇرىي ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.

ئىلگىرىمۇ بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئىشلەيدىغان فېرمىلاردا مەجبۇرىي يولغا قويۇلاتتى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 7 فېرمىدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ ھايۋانلارغا ئۆردەككە ئوخشاش سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلاردىن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چوڭ تىپلىق فېرمىلاردا بولسا قاناتلىق ھايۋانلاردا كۆرۈلگەن يۇقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن تارقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ۋىرۇسنىڭ ياۋايى قۇشلار، ۋىرۇس يۇقۇپ قالغان يەم ۋە سۇ ياكى مەينەتلىنىشىپ كەتكەن ئېغىللار، سايمانلار ياكى كىيىم ۋاستىسى ئارقىلىقمۇ يۇقۇملىنىپ تارقىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر