ئامېرىكا ھەلەبتىكى دوختۇرخانىنىڭ «خائىنلارچە» بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئاخىرقى بىر دوختۇرخانىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى.

614220
ئامېرىكا ھەلەبتىكى دوختۇرخانىنىڭ «خائىنلارچە» بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس، ھەلەبتىكى دوختۇرخانىلارغا ۋە دەسلەپكى ياردەم خادىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي ھەلەب رايونىدىكى ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى دوختۇرخانا ۋە ئۇ يەردىكى دەسلەپكى ياردەم خادىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا «خائىنلارچە» دەپ باھا بەرگەن رايس، «ئامېرىكا تېببىي ئورۇنلارغا ۋە ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىغا قىلىنغان بۇ قورقۇنچ ھۇجۇملارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدۇ. بۇ خائىن قىلمىشنىڭ ھېچقانداق باھانىسى يوقتۇر» دېدى.

رايس، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى قىلغان ئۇرۇشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنسانىي كىرىزىسقا چارە تېپىش ئۈچۈن خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىدە مۇناسىۋەتلىك شېرىكلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلغان رايس، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا پېرۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا، مەزكۇر بومباردىماننىڭ دەرھال توختىتىلىشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ھەلەب سەھىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا بولسا، «يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلىرىگە قارىتىلغان ئەسەد كۈچلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھۇجۇملىرى ۋە رۇسىيەنىڭ بومباردىمانلىرى تۈپەيلى پۈتكۈل دوختۇرخانىلارنىڭ خىزمەتلىرى توختاپ كەتتى» دېيىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر