پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ لىمادا كۆرۈشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا كۆرۈشتى.

614235
پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ لىمادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان شى جىنپىڭ – پۇتىن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مەسىلىلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋە ئەركىن سودا ساھەلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پۇتىن، خىتاي – رۇسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر