ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن 2015 – يىلى نويابىردىن بۇيان 2 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

613979
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 12 سى قىز بولۇپ، جەمئىي 350 نەپەر پەلەستىنلىك ئۆسمۈر  تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن 20 – نويابىر خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 18 ياشتىن كىچىك پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەردىن 350 بالا بارلىقى، بۇلاردىن 12 سىنىڭ قىز ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا پەلەستىن خەلق قوزغىلىڭى باشلانغان 2015 – نويابىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە بۇلاردىن بىر قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ئىسرائىلىيە  ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنى بىۋاستە ۋە قەستەنلىك بىلەن راس ئوقتا ئېتىۋاتقانلىقى، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە سولاپ، ئاچ – سۇسىز تاشلاپ قويۇش، قېيىن – قىستاققا ئېلىش، قورقۇتۇش، بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بايانات ئېلىش ۋە تۆھمەتكە زورلاش قاتارلىق قانۇنسىزلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى. 

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىلىرى كىچىك بالىلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش   ياكى 10 يىلدىن ئارتۇق قاماققا ھۆكۈم قىلىش جازالىرى يولغا قويماقتا» دېيىلگەن بولۇپ، ھازىر كىچىك بالىلارنىڭ ئۆفەر، مېگگىدو ۋە ھاشارون تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈۈلدى.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھازىر 7 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر