ئولاند: ب د ت سىستېمىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتودىن كېيىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

فرانسۇا ئولاند، ب د ت نىڭ 2017 – يىلى 1 – يانۋاردا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن ئېليېسى سارىيىدا كۆرۈشتى.

613306
ئولاند: ب د ت سىستېمىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتودىن كېيىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «ب د ت  سىستېمىسى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو (رەت) قىلىشتىن كېيىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلدى، لېكىن، بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. (مەسىلىگە) سىياسىي چارە تېپىلىشى ۋە قىرغىنچىلىقلار ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى.

فرانسۇا ئولاند، ب د ت  نىڭ 2017 – يىلى 1 – يانۋاردا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن ئېليېسى سارىيىدا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئولاند بانكىمۇنغا فىرانسىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى خىزمەت مېدالى بولغان «Legiond'honneur» مېدالىنى تەقدىم قىلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئولاند، سۈرىيەدە دائېش ۋە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارغا يەتكۈزگەن زىيىنىغا قارشى كۈرەشتە ب د ت  نىڭ رولىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ب د ت  سىستېمىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتودىن كېيىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلدى، لېكىن بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. (مەسىلىگە) سىياسىي چارە تېپىلىشى ۋە ھەم دائېش ھەم ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى ئاخىرلىشىشى كېرەك.» دېدى.

بان كىمۇننىڭ 10 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇساپىسى بويىچە ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئىشىنىڭ دۇنيادا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئولاند، فىرانسىيەنىڭ خۇسۇسەن مالى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«Legiond'honneur» مېدالىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بان كىمۇن بولسا، ب د ت  نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدا مۇھىم ئويناپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە بىلەن ھەر دائىم ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بان كىمۇن، فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر