ھىلارى كلىنتون كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپقا ئۇتتۇرۇپ قويغان دېموكراتلارنىڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

612409
ھىلارى كلىنتون كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپقا ئۇتتۇرۇپ قويغان دېموكراتلارنىڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون سايلام مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە تۇنجى قېتىم خەلققە قارىتىپ تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

ھىلارى كلىنتون ۋاشىنگتوندا «بالىلارنى قوغداش فوندى» پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكى كۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ: «شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ كېچە بۇ يەرگە كېلىشىم ئاسانغا توختىمىدى» دېدى. ئۇ سايلامدىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قانچە قېتىم ياخشى كىتابتىن بىرنى ۋە ئىتىمنى ئېلىپ، باشقا يەرگە كىتىپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقنى ئويلىغان ۋاقىتلىرىم بولدى» دېدى.

ھىلارى كلىنتون بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پائالىيەتتە سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپ توختالمىدى، سايلامدا غەلىبە قىلغان دونالد ترامپ توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىدى. ئەمما، ۋاستىلىك ھالدا ترامپ كابېنتىغا سىگنال يوللىدى. ئۇ: «بالىلىرىمىز، ئائىلىلىرىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار» دېدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ سايلام ھاۋاسىدا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق مەنزىرەسىدىن يىراقلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ھازىر ئۇنداق بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىلەرنى قويالايدىغان ئورتاق ئاساسىمىز بار.»

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ھىلارى كلىنتوننىڭ دۈشەنبە (14-نويابىر) كۈنى دېموكراتلارنىڭ بىر ۋەكىلىگە: «ھېچكىمنىڭ كۆڭلى مېنىڭكىدەك يېرىم ئەمەس، بۇ بىر كېچىدىلا ئوڭشالمايدۇ» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر