بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرى نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

612271
بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويغان ئىقتىسادىي تەدبىر سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئەكسىچە رىيو دې جانېيرودا ئۆلكە مەجلىسىگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان نامايىشچىلار  بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى.

ئۆلكە مەجلىس زالىدىمۇ  قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى، ئونلارچە ئۆكتىچى بىلەن مەجلىس ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

يىغىن زالىنىڭ مۇنبىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى، ساقچىلار نۇرغۇن نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن كىرىزىسكە قارشى تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقان رىيو دې جانېيرودا نۇرغۇن ئىشچى-خادىم ئايلاردىن بېرى  مائاش ئالالمايۋاتىدۇ.

بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى قەرزلىرى سەۋەبىدىن رىيو دې جانېيرو ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بانكا ھېساۋاتلىرىنى توڭلىتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2016 رىيو ئولىمپىك مۇسابىقلىرىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن رىيو دې جانېيرو ئۆلكە مەسئۇللىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنى ياردەم تەلەپ قىلدى، بىراق ھۆكۈمەت ۋىلايەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر