كىلىنتون گۇناھنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا ئارتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەشكۈرۈش ئىدارىسى (FBİ) نىڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

609652
كىلىنتون گۇناھنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا ئارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلامدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن دېموكراتىك پارتىيەنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ھىلارى كىلىنتون، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى جەيېمس كومېي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ ھىلارى كىلىنتون، سەپەرۋەرلىك دولقۇنىنى مالىيە بىلەن تەمىنلىگەن قوللىغۇچىلىرىغا، سايلامغا بىر قانچە كۈن قالغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دىرېكتورى كومېينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئېلخەت سەتچىلىكىگە دائىر تەشكۈرۈشنى يېڭىدىن باشلايدىغانلىقى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىغانلىقى ئۈچۈن سايلامدا يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىلارى كىلىنتون ئىئانە قىلغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ يېڭىدىن باشلىنىشىنىڭ سايلام مۇساپىدىكى مۇنازىرە پىروگراممىلىرىدا رەقىبى دونالد ترامپقا نىسبەتەن قولغا كەلتۈرگەن ئۈستۈنلۈكىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئاياللارغا ھاقارەت قىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن سايلامدا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ ، دەپ قارىلىۋاتقان ھىلارى كىلىنتون بىلەن رەقىبى ترامپ ئارىسىدىكى پەرق ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈشى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى يېڭىدىن باشلىشى بىلەن سۈرئەت بىلەن تۈگىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر