ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى.

607167
ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ 1946 – يىلى 14 – ئىيۇن كۈنى نىيۇ يوركنىڭ كۋىنز ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، تېگى گېرمانىيەلىك ئامېرىكىلىق سودىگەر فرېدېرىك ترامپنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، سودىگەر دادىسى فرېد ترامپنىڭ 5 بالىسىدىن بىرى.

ئۇ، ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن 1960 – يىللارنىڭ باشلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى. كېيىنچە ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈردى. 1968 – يىلدىن كېيىن پېنسىلۋانىيەدىكى ۋارتون ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، بىر ۋە ئىككى ئائىلىلىك ئۆيلىرىنى سېلىش جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن دادىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشكە باشلىدى.

2000 – يىلقى پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئىسلاھات پارتىيەسى نامزاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ترامپ Forbes  ژۇرنىلى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 400 كارخانىچى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 ئۇنىڭ 3.6 مىليارد دوللار ئەتراپىدا پۇلى بارلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

ترامپ 2004 – 2005 – يىللىرى NBC  تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان « reality show 'The Apprentice» پىروگراممىسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكىدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان ترامپ 2016 – يىلى «كۈچ ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەرىيەسى: (بۇ نەزەرىيەدىن) رادىكال ئىسلام، دائېش، يادرو كۈچ ساھىبى ئىران ۋە كوممۇنىستىك خىتايغا قارشى ھەل قىلغۇچ قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىلىق ماقالىسى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى، بىراق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.

سايلام رىقابىتى جەريانىدا بەرگەن ۋەدىلىرىدە كۆچمەنلەر، مۇسۇلمانلار، بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە نارازىلىق قوزغىغان قاراشلىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقتى.

ئۇنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرگەن پىلانلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سوقۇش ئىدى.

ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن ترامپنىڭ 3 ئوغلى بار بولۇپ، 2017 – يىلى 20 – يانۋار كۈنى ھازىرقى پىرېزىدېنت ئوبامادىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر