رۇسىيە - تۈركىيە ھەربىي تېخنولوگىيە سۆھبەتلىرى باشلىدى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھەربىي تېخنولوگىيە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى دىرېكتورى ئالېكساندر فومىن، تۈركىيەنى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كۈنتەرتىپىدە بارلىقىنى بىلدۈردى.

606058
رۇسىيە - تۈركىيە ھەربىي تېخنولوگىيە سۆھبەتلىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىنتېرفاكس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فومىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ قايتىدىن باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھەربىي – تېخنولوگىيە ھەمكارلىقى ھۆكۈمەتلەر ئارا  يىغىنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چاقىرىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. يىغىننىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى بېكىتىلىدۇ» دېدى.

كىرىملىن باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ، ئۆتكەن ئايدا بايانات بېرىپ، «رۇسىيە، تۈركىيە تەرەپ تەلەپ قىلغان تەقدىردە، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئەۋەتىشنى ھەر خىل  ئۇسۇللاردا مۇھاكىمە قىلىشى مۇمكىن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر