ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلارغا ئالاقىدار پاكىتلىرى يېتەرلىك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

601423
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلارغا ئالاقىدار پاكىتلىرى يېتەرلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيىوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن توغرىسىدا توختىلىپ، «(بۇلار) مەسۇمانە بىر دىنىي ھەرىكەت بولۇشتىن بەكرەك، تەشكىللىك جىنايى ئىشلار تەشكىلاتلارنىڭ قارا پۇل ئاقلاش ئۈچۈن پۇل ساقلايدىغان كىشىلەردەك كۆرۇنمەكتە. گۈلەن توغرىسىدىكى دەۋالارنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئىسمىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىنى شەرت قىلغان ھالدا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ۋەقپە ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ گۇمانلىق قۇرۇلما ۋە مالىيە مەنبەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار، تۈركىيەنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بارلىقىغا دائىر ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن پاكىتلارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر